25-قېتىملىق پەزىلەتلىك خانىملار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 2-فىۋرال (شەنبە) ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى تەلىم-تەربىيە ۋە پائالىيەت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان نۇزۇگۇم مەدرىسەسىدە 25-قېتىملىق پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.
پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار پائالىيىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پائالىيەتلەر ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاردا لېكسىيە، كۈلتۈر ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئالاقىدار يېڭى سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇنلار بىلەن ھەرقايسى ساھەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق خانىملارغا ئۆزئارا ئۇچرىشىش، تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش مەيدانى ھازىرلاپ كەلمەكتە ئىدى.
ھەر قېتىملىق پائالىيەتكە ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچى، ئائىلە ئاياللىرى، تۈرلۈك خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىلغار ئىدىيەدىكى خانىملار ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوللاش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، خەلقنى توغرا بولغان مەپكۇرە ۋە ئىدىيەدە تەربىيەلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
بۇ قېتىمقى پائائلىيەتنىڭ مەزمۇنىمۇ كۆپ خىل ۋە رەڭگارەڭ بولۇپ، پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى، ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە چەتئەلدىكى نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش سېلىشتۇرمىسى ئىنتايىن ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تىياتىر، خىتاينىڭ مېلىنى ۋەتەنىڭ مېلى دەپ سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلارنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تىياتىر، ۋەتەننى، ۋەتەندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەسۋىرلىگەن نەزمىلەر، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەجبۇرىيەتنى ئەستە ساقلاش ھەققىدىكى قۇرئان ھەدىستىن ئېلىنغان مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان سۆھبەتلەر، لىرىك شېئىرلار بىلەن داۋام قىلىپ، زالنى لىق تولدۇرغان قاتناشقۇچىلارغا ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بىلدۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرلار ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن يىغا-زارە ئىچىدە دۇئا قىلىندى. ئارقىدىن قاتناشقۇچىلار نۇزۇگۇم جەمئىيتىنىڭ پىداكار خانىملىرى تەييارلىغان داستىخانغا داخىل بولۇپ، مەمنۇنلۇق بىلەن تارقىلىشتى.