يېڭى نەسىل ھەرىكىتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

يېڭى نەسىل ھەرىكىتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچتى
1-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئىستانبۇلنىڭ چاپا رايونىدا يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچتى.
يىغىنغا تەشكىلات ئەزالىرى ۋە باشقا بىر قىسىم مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىن قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتورانت ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولىنى تەكىتلىدى.


ئارقىدىن ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇللاھ ئارمان يىللىق خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلارنىڭ رولىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ساپالىق ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇل-ئاساسنى ياخشى قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
كانادادىن كەلگەن مېھمانلارمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن جەمئىيەتنىڭ 2020-يىللىق پىلان لايىھەسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال «ئىسلامدىكى سىياسىي قىممەت قاراش» تېمىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئىسلامىي سىياسەت قارىشىنى توغرا ئىگىلەشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

بۇ خەۋەر 1839 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2020 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق