خىتاي تاراتقۇلىرى: شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر سىرتتىن ئايرىۋېتىلدى

خىتاي تاراتقۇلىرى: شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر سىرتتىن ئايرىۋېتىلدى
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدىكى كادىرلار ۋابا مەزگىلىدە خەلقنى ياخشى كونترول قىلىش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇلغان.
كەنت-يېزىلاردىكى كادىرلار ۋىرۇسنىڭ خەتىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يېقىنقى مەزگىلدە كاناي، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى خەلققە ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش، سىرتقا چىقماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. تارقالغان سىنلاردا كادىرلارنىڭ كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقماسلىقىنى ۋە ماسكا تاقىشىنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ تارقالغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن تارماقلىرىنىڭ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركەزلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتىپ-قوپۇش ۋە يەپ-ئىچىشتە سىرتتىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، جازا لاگېرىدا ۋە تۈرمىلەردە بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خەۋپى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك تاراتقۇ ھەرىكەتلىرى باشلانغان.

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2020 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق