خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملاشماقتا
خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئوقۇتۇش سىياسىتى نۆۋەتتە تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنغان.
زىمىستان تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى 2011-يىلىدىن بۇيان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلى 186 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، قالغانلىرى قازاق، قىرغىز ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان.
ئوقۇغۇچىلار خىتايچە ئۆگىنىشتىن باشقا ئاساسلىقى خىتايلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، كەسپىي دەرسلەر ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلغان، شۇنداقلا ھەر ھەپتىدە سىياسىي ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتى نازارەت ئاستىدا بولۇپ، كىملىكلىرى پۈتۈنلەي يىغىۋېلىنغان، سىرتلارغا ئەركىن-ئازادە چىقىشىمۇ چەكلەنگەن.
مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلار بىلەن ئوخشاش تاماق يېيىشكە بۇيرۇغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ، خىتايلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1498 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق