ئىستانبۇلدا [شەرقىي تۈركىستان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى] قۇرۇلدى
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئىچىدىكى سودا – سانائەتچىلەر ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىش، ئۆز – ئارا تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش، سودا – تىجارەت ساھەلىرىدە بىرلىك ھاسىل قىلىپ ئېگىلىك تىكلەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى بېسىمىنى يېنىكلىتىش، مەقسىتىدە [ شەرقىي تۈركىستان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى] قۇرۇلدى.
جەمئىيەت ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىشلىرى ئىدارىسىگە ئەنگە ئېلىنىپ رەسمى تەستىقلاندى.
مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قېرىنداشلارنى بۇ جەمئىيەتنى قوللاشقا، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ھەسسە قوشۇشقا ۋە پايدىلىنىشقا چاقرىمىز.
بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى يېقىندىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەھبەرلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە خەلق – ئاممىسغا رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى رەئىسىى
ئەخمەتجان رازىق.