نۇزۇگۇم مەدرىسىدە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

نۇزۇگۇم مەدرىسىدە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
31-يانۋار شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۈم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى مەدرىسىدە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتي ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئەزالىرى، يېتىم بالىلار ۋە ئانىلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇم ۋە ئازابلاردىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا چىقىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمدا قالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
نۇزۈگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2020 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق