ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى
خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەلىكىدە يەر تەۋرىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 3:33 دە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 19 كىلومېتىر، شىمالىي كەڭلىك 40.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.13 گىرادۇس) 3.7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش دائىرىسى بەش كىلومېتىرغا يەتكەن.
خەۋەردە ئاپەت جەريانىدىكى ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
بۇندىن سىرت، 31-يانۋار يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77. 14 گىرادۇس) 4 بال يەر تەۋرىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئۇچتۇرپان ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە 99 قېتىم 3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن. بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2020-يىلى 19-يانۋار ئاتۇشتا يۈز بەرگەن 5.2 بال تەۋرەش بولغان.

 

بۇ خەۋەر 1313 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2020 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق