خىتاي دائىرىلىرى تىببىي خادىملارغا ئالاھىدە سىياسەت چىقاردى

خىتاي دائىرىلىرى تىببىي خادىملارغا ئالاھىدە سىياسەت چىقاردى

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرى يېڭى تۈرلۈك سىياسەت ئارقىلىق تېببىي خادىملارنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى ۋە سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلا ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تېببىي خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملار خىزمەت جەريانىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا ياكى بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتسە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن گەرچە خىتاي تاراتقۇلىرى بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇخەندىكى بىر قىسىم دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ كېسەل يۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى، شۇنداقلا بىر نەچچە چوڭ دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشنى باھانە قىلىپ، ئامبۇلاتورىيەسىنى تاقىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆلۈم خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك تېببىي خادىملارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك قارارنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 1232 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2020 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق