شەرقىي تۈركىستان جىددىي ھالەتكە ئۆتتى

28-يانۋار شەرقىي تۈركىستاندىن تارقىتىلغان سىن ۋە خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ھەرقايسى جايلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە باشلىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كارونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 13 كە يەتكەن. 28-يانۋار يەرلىك دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق خەلقنىڭ بىر كۈن ئىچىدە يېتەرلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، سىرتلارغا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى، 29-يانۋاردىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ يىغىلىشى ۋە خالىغانچە كوچىلارغا چىقىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزا-قىشلاقلاردا بىر تۇتاش ماسكا تارقىتىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا كاناي ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقماسلىقى، بىر يەرگە يىغىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا قاراقاش ناھىيەسى كارونا ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق گۇرۇپپسى نامىدا بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ۋۇخەندىن كەلگەن ياكى باشقا يەرلەرگە ساياھەتكە بېرىپ كەلگەنلەردىن ئۆزىنى مەلۇم قىلماي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ياكى ئايرىپ تەكشۈرۈشكە قارشىلىق قىلغانلارنى پاش قىلغانلارغا بەش مىڭدىن 20 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى، بارلىق خەلقنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكى، تورخانا، كىنوخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، توي-مەرىكە زالى، مال بازارلىرى، چايخانا ۋە كەچلىك بازار قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىدىغانلىقى، يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى، قاتناس ۋاسىتىلىرنىڭمۇ ۋاقتىنچە توختىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1656 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق