خۇبېي ئۆلكىسىگە شەرقىي تۈركىستاندىن داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىلدى

28-يانۋار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ۋۇخەنگە 142 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەن.
خەۋەردە 142 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتىنىڭ رايوندىكى بارلىق خەلقىنىڭ «ئۈمىدى ۋە سالىمى»نى ئېلىپ خۇبېيغا قاراپ ئاتلانغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ چوقۇم غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنلىكى ئېيتىلغان. بىراق داۋالاش ئەترىتى ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
خۇبېيدىكى خىتايلار، ھەتتا دوختۇرلار ۋابا رايونىدىن قېچىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خۇبېيغا داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى تاقىمىغانلىقى قاتتىق دىققەت قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 1273 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق