ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

27-يانۋار خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «كارونا ۋىرۇسى ھەققىدە ساختا خەۋەر تارقاتتى» دەپ تەنقىدكە ئۇچرىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 26-يانۋار كارونا ۋىرۇسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرقايسى جايلاردا توپلىشىپ تاماق يېيىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى، ئاشخانىلارنىڭ ۋاقىتلىق تاقالغانلىقىنى، ئۈرۈمچىگە يولۇچىلارنىڭ كىرىپ-چىقىشى چەكلەنگەنلىكىنى، يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە تاكسىلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە 14 كۈنگىچە ئايرىپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئورۇننى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتارلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىش، ئالاقىدار ئۈن-سىن، يېزىق ۋە سۈرەت ھۆججەتلىرىنى تارقىتىش» قاتارلىق تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، قاتتىق باستۇرغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى ئون يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن كەسكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كارونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يوشۇرماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1315 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق