شەرقىي تۈركىستاندا ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

27-يانۋار ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئورگان تور بېتىدە كارونا ۋىروسى سەۋەبلىك ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى ئېنىق بولمىغۇچە مەكتەپكە قايتىپ كەلمەسلىكى كېرەكلىكى، تەتىل مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەم كۆپ سورۇنلارغا بارماسلىقى، ئامال بار ئۆيىدە ئۆگىنىش قىلىپ، يەرلىك چىقارغان كارونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئە خىزمەتلىرىگە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇندىن باشقا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2020-يىللىق ئەتىياز پەسللىك ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا ئاتالمىش ئاپتونوم رايوننىڭ زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ھادىسىسى 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن بارلىق مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقى، ئوقۇشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1737 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق