ئاتۇشلۇق نۇر قارىنىڭ 20 يىل كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

27-يانۋار شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يوللىغان بىر شاھىت كىشى خىتاينىڭ ئاتۇشلۇق نۇر قارىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نۈر قارى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى سۈنتاغ يېزىسى ياقىباغ كەنتى كوچايابېشىدىن بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ۋاقتىدا سەۋەبسىز تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ دوختۇرخانىدىكى مەزگىللىرىدىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىنغان بولۇپ، تولۇق داۋالىنىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنماي كېسەل ھالىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندە 20 يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرى چىققان. بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇر قارى ھازىر ئاتۇش شەھىرى تەۋەسىدىكى ئاغ تۈرمىسىدە ئىكەن.
نۇر قارى ئاتۇش شەھىرى ياقىباغ كەنتىدىكى بوستان مەسچىتىگە 20 يىل ئىماملىق قىلغان، ئاتۇش شەھىرىدە تونۇلغان ئۆلىمالاردىن بىرى بولۇپ، ئىمامەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش داۋامىدا جامائەتكە پەتىۋا بېرىپ، توغرا يولغا باشلاپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1742 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2020 21:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق