خىتاي تىجارەت توختىتىش ھەققىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت تارقاتتى

خىتاي تىجارەت توختىتىش ھەققىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت تارقاتتى

27-يانۋار ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق قورغاس ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى [ 026 ( 2020) ] نومۇرلۇق قىزىل باشلىق ھۆججەت تارقىتىپ، قورغاس چېگرا ئېغىزىدا تىجارەت توختىتىشنى ئۇقتۇرغان.
ھۆججەتتە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «رايوننىڭ ئاممىۋى تازىلىقىنى ياخشىلاش ھەققىدە چىقارغان قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى:
قورغاس شەھىرىگە قاراشلىق بارلىق ئامبار ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ۋاقىتلىق ئىش توختىتىشى كېرەك. ئىش باشلاش ۋاقتى ھەققىدە كېيىنچە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ».

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2020 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق