شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جايلار پۈتۈنلەي تاقالدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جايلار پۈتۈنلەي تاقالدى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جايلار ئىچى-سىرتىغا پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن
بىر ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە سىرتنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ كىرىشى چەكلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىمۇ توختىتىۋېتىلگەن.
يەنە بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتايدىمۇ ئوخشاش تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولۇپ، كىرىپ-چىقىش پۈتۈنلەي توختىتىلغان. كىشىلەر ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا سىرتتىن كەلگەنلەرنى مەجبۇرىي ئايرىشقا باشلىغان. ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، كېسەل بولمىغانلارنىمۇ گۇمان قىلىنغانلار بىلەن بىرلىكتە ئايرىپ قويۇشى، ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەر-ئايال دەپ ئايرىماستىن ئوپچە ياتاققا سولاپ قويۇشى توردا غۇلغۇلا قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2020 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق