شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئونغا يەتكەن

خىتاي تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئونغا يەتكەن.
بۇلار ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، شىخەنزە ۋە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيەسىدە بايقالغان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، كىنوخانىلار پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن.
ئەمما ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلاردا يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى، ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئىپادە بىلدۈرۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرشارىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خەتىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەتەر دەپ، خاتا باھالىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2020 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق