خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت 27-يانۋار مالايشىيادىكى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تىرانگانۇ ئىشتاتىدا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ھەيئەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ، تىرانگانۇ ئىشتاتىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى مەسچىت ۋە چوڭ جامەلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، مەسچىتلەرنى تاقاش، چېقىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
ھەيئەت بۈگۈن ئەتىگەن تىرانگانۇ ئىشتاتىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۇئالالۇمپۇرغا قايتىپ كەلدى. پايتەخت كۇئالالۇمپۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىلىشتا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالال ۋە ھارامنى ئايرىپ ياشىشىنى چەكلەپ، ھالال-ھارام دەپ ئايرىغانلارغا «تېررورچى» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىپ، لاگېرلارغا قاماپ، زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.