شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىئاتسىيەسى شىركىتى ھاۋا قاتنىشىنى توختاتتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىئاتسىيەسى شىركىتى ھاۋا قاتنىشىنى توختاتتى

27-يانۋار ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن باشقا بارلىق ھاۋا قاتنىشىنى ۋە ئايرودروملارنى 1-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «1.شىنجاڭ ئايرودرومى گۇرۇھىغا تەۋە ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن باشقا بارلىق ئايرودروملاردا كىرىش-چىقىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
2. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن باشقا غۇلجا ئايرودرومى ۋە شىنجاڭ ئايرودرومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئايرودروملاردا كىرىش-چىقىش توختىتىلدۇ.
3. غۇلجا ئايرودرومى بۇ مەزگىللەردە ھەر كۈنى كۆپ بولغاندا ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا قاتنايدۇ.»

بۇ خەۋەر 1523 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق