ش ت ت ب ئاپەت رايونىغا ئۆمەك ئەۋەتتى
26-يانۋار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئېلازىغ ۋىلايىتىگە بىر ھەيئەت ئەۋەتتى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزاسى يۈسۈپجان كۈسەنىي قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقان پەيتلەردىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇش، ئۇلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال-ئەھۋال سوراش ئۈچۈن 26-يانۋار ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى.
ھەيئەتتىكى ئاشپەز ئۇستىلار 27-يانۋار ئەتىگەن سائەت بەشتە چوڭ داش قازاندا بەش مىڭ كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئاپەت رايونىدا ئۆي-ماكانسىز قالغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تارقاتتى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتتى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى