شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن ئەۋەتىلگەن بىر ئاۋازلىق ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋابانىڭ مەركىزى بولغان ۋۇخەندىن زور تۈركۈمدىكى خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان.
مەزكۇر ئۇچۇردا 23-يانۋار يۈز مىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندىن شەرقىي تۈركىستانغا قېچىپ بارغانلىقى، ئۇلارنى توسۇۋالغان بولسىمۇ، يەنە 13 مىڭدىن ئارتۇق خىتاينىڭ قېچىپ قۇتۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تاراپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولغاچقا، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەملىك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداقلا باشلىنىشتىن بۇرۇن كىمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
ئۇچۇردا يەنە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ تاراتقۇلاردا ئېيتىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ زور كۆلەملىك يۇقۇملىنىشقا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ ئامال بار سىرتقا چىقماي، ئۆزىنى قوغدىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان لاگېرلارغا بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس تارقالسا، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بىر قىسىم ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «لاگېرلاردا ۋىرۇس خەۋپى» (#VirusThreatInCamps) ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيىتىنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1420 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2020 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق