شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش چەكلەندى

شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش چەكلەندى

خىتاي دائىرىلىرى 24-يانۋار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋۇخەندە تارقالغان ۋابا ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى توپلاردا خالىغانچە تارقىتىشنى چەكلىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتى، خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ھەرقانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ۋۇخەندە تارقالغان يۇقۇملۇق ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇلانما، خەۋەر، سۈرەت، فىلىم، يازما قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. پەقەت يەرلىك تارماقلار ئورۇنلاشتۇرغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىشىڭلارنى سورايمىز. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ توپ قائىدىسىگە رىئايە قىلماي، رۇخسەت قىلىنمىغان بىرەر ساختا ئۇچۇرلارنى ساقلىغانلار ياكى تارقاتقانلار بارلىق قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ»

بۇ خەۋەر 1571 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق