فىنلاندىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىنلاندىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

24-يانۋار فىنلاندىيە پايتەختى ھېلسىنكى شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر نامايىشنى فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ ھېلسىنكى شەھىرى پارلامېنت بىناسى يېنىدا ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان چاغاننى تەبرىكەش پائالىيىتىگە قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتايلارنىڭ ھېلسىنكى شەھىرى پارلامىنېت بىناسى يېنىدىكى چوڭ مەيداندا 30 مىڭ كىشىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي پائالىيەت قىلماقچى بولغان مەيداندا نامايىش قىلىشقا ئىجازەت ئالغان.

شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ شېھىت بولغان كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى، «خىتاي لاگېرلارنى تاقىسۇن!» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق خىتايغا  قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ فىنلاندىيەدىكى ۋەكىلى       دوكتور مۇھەممەد ئەلى نامايىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، نامايىش داۋامىدا بىر قانچە داڭلىق ئاخبارات ئورۇنى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، نامايىش قىلىش مەقسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى سورىغانلىقىنى، ئۇلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، جازا لاگېرلىرىغا سەۋەبسىز قاماپ، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1071 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق