خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت 24-يانۋار پائالىيىتىنى مالايشىيانىڭ قادېھ ۋىلايىتى مەركىزىي جامەدىن باشلىدى. جامەدىكى جامائەتكە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن پېرلىس ۋىلايەت باش مۇفتىسى پىروفېسسور، دوكتور ئەسىر زەينۇلئابىدىننى زىيارەت قىلدى. دوكتور ئەسىر زەينۇلئابىدىن ھەيئەتنى ئۆيىدە كۈتۈۋالدى. ھەيئەت دوكتور زەيىنۇلئابىدىنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا دوكتور زەينۇلئابىدىنغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ئىزناك ھەدىيە قىلدى. دوكتور زەينۇلئابىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ پېرلىس ۋىلايىتىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1425 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2020 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق