خىتاي كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى ئېزىز مۇسانى 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان

خىتاي كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى ئېزىز مۇسانى 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان

يېقىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاقسۇلۇق كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى ئېزىز مۇسانى « ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشتى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 13 يېرىم يىل قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
ئېزىز مۇسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا، خوتەن قاتارلىق رايونلىرىدا تىجارەت قىلىپ، «ئېزىز پاختا» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئۇنى 2011 -يىلى «بىز ئالىدىغان زېمىننى سەن ئېلىۋاپسەن» دېگەن باھانە بىلەن ئۈچ يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. 2014-يىلى 10-ئايدا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلگەن.
ئېزىز مۇسانىڭ خىتاي ج خ تارماقلىرىدا تونۇشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك 2015-يىلى خوتەندىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى ئۇنىڭغا خوتەن ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ پاختىسىنى كېيىنچە بىر كىلوسىغا ئالتە مودىن قوشۇپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بىر پارچىدىن خەت قىلىپ بېرىلىپ پاختىنى ئەرزان سېتىۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئاقسۇدىن خوتەنگە يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن خىتاينىڭ بۇ پۇلنى بەرمىگەنلىكىنى، ئېزىز مۇسانىڭ دېھقانلارغا ياردەم قىلىپ پۇلىنى ئېلىپ بېرىشنى سوراپ كەلگەن. ئېزىز مۇسا دېھقانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، خوتەنگە بېرىپ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، خوتەنلىك دېھقانلارنىڭ نەچچە مىليون پۇلىنى ئېلىپ بەرگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى ئېزىز مۇسانى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئاخىرى «ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشقان» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىپ، 13 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن بېرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ئېزىز مۇسانىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ بەرمىگەن. 2016-يىلى ئېزىز پاختىنىڭ تۈرمىدە كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇ خەۋەر 971 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 20:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق