خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىغان.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزىلاردا ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، كۈنلۈك ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىگەنلىكى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇۋاۋىسى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىللىق چاغان ھارپىسىدا قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايچە كىيىنىپ، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ئەجدىھا ۋە شىر ئوينىتىش، خىتايلار بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇرلىغان. يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ قايگۈل كەنتىدىكى ئاتالمىش «خىزمەت گۇرۇپپىسى» كەنت ئاھالىلىرىنى چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاشقا، پانۇس ئېسىشقا مەجبۇرلىغان.

بۇ خەۋەر 1317 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 20:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق