خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايسىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايسيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت تۆنۈگۈنكى پائالىيىتى مالايسىيانىڭ پېرا ۋىلايىتىدە داۋام قىلدى. ھەيئەت بىرىنچى بولۇپ رەۋزەتۇلجەننە تەلىم-تەربىيە بىلىم يۇرتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرى. ئارقىدىن دەيپىڭ رايۇنىدىكى قىيام قۇرئان مەدرىسىسدە ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئورۇنلاشتۇردى.
ھەيئەت تۆنۈگۈن كەچتە يەنە پۇلۇپىنتادىكى مەسجىد نۇر ئۇلۇ كىنتادا شام بىلەن خۇپتەن نامىزى ئارىلىقىدا يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇرت چوڭلىرى، جامائەت ئەربابلىرى بىلەن جەم بولدى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھەيئەت بۈگۈنكى زىيارەتنى مالايسىيانىڭ كېلانتان ئۆلكىسى ۋە تانگانۇ ئۆلكىسى بىلەن داۋام قىلىپ، مەزكۇر ئۆلكىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن پارتىيە مەركىزىدە كۆرۈشتى ۋە ھەر ئىككى ئۆلكىدىكى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە مەكتەپلەردە زىيارەتتە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى ۋە مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ھەيئەت زىيارەت قىلغان ھەر يەردە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقى ھەيئەتنى تەسىرلەندۈردى.