20-يانۋار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، مۇئاۋىن رەئىس، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجىتمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى ئەلى قۇرت ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەتتە ئەلى قۇرت ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش ۋە ئىسلام دىنىغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلمىشلىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا قانداق تونۇشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە قانداق ھەمكارلىشىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.