21-يانۋار ئىستىقلال خەۋىرى: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت بۈگۈنكى تۇنجى پائالىيىتىدە كۇئالالۇمپۇرنىڭ سىلانگۇ شەھىرىدىكى مالايشىيا ئىسلام بىرلىكى (ئىسما)نىڭ مەركىزىدە مالايشىيا ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋە ئەزالىرى، شۇنداقلا ئاكادېمىكلار بىلەن جەم بولدى. ئۇچرىشىشتا ۋەتەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.
ھەيئەت ئەتىدىن باشلاپ باشقا ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.