تەيۋەنلىك ياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا تەيۋەنلىك بىر ياش شەرقي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى يۇتيۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر سىن 5-يانۋار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەيۋەنلىك ياش قەشقەرنىڭ كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىنى ئايلانغاچ، زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ ماڭغان. 600 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي مەھەللە پۈتۈنلەي ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلانغان بولۇپ، 20 مىنۇتلۇق سىنغا ئېلىش جەريانىدا بىرمۇ كىشى كۆرۈنمىگەن. دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئىشىكى ئوچۇق ئۆيلەردىمۇ ئادەم يوقلۇقى مەلۇم بولغان. يەنە نۇرغۇن ئۆيلەر چېقىۋېتىلگەن.
تەيۋەنلىك ياش ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى ئاي زىيارەتتە بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ كۆز يېشى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى، ئېتىقادى سەۋەبلىك جازا لاگېرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ يىغىۋېلىنىپ، مەسچىتلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى، پۈتكۈل ئىش-ھەرىكىتىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا لاگېرىغا قامالمىغانلارمۇ نامراتلىقنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، چارۋىچىلارمۇ مەجبۇرىي ھالدا ئۆيلىرىنى، مال-چارۋىلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئاھالە رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ۋە زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. كىچىك بالىلار باققۇچىسىز قالغاچقا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغان.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ ئۆزىنى بىخەتەر ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ قامىلىشىنى توغرا بولغان زۆرۈر تەدبىر دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەنلىك ياش سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ گېتلىرنىڭ قىلغانلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزى خالىغان تەرىقىدە ياشاش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، بۇ سىن ئارقىلىق دۇنيانى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق