ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشنى ئۆزىدىن باشلىدى

ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشنى ئۆزىدىن باشلىدى
18- يانۋار ئسىتانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سافاكۆيدە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.
ئسىتانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاياللار بازىرى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر بازاردا 300 كىشىلىك ھەدىيە پائالىيتى ۋە ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، تۇنجى قەدەمدە 7000 لىرا قىممىتىدىكى خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇسفىرە خانىمنىڭ تەسىرلىك دەۋىتى بىلەن خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشقا قارىتا شەرئى ھۆكۈملەر ئەسكەرتىلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايغا قارشى ئويغاتتى.
بازار تەشكىللىگۈچىسى نۇربىيە خانىمنىڭ جانلىق، تەسىرلىك شۇئارلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ خانىملارنى روھى جەھەتتىن زور ئىلھاملاندۇردى.
نەق مەيداندىلا ئالتۇن ئاي خانىمنىڭ قولىدىكى خىتايدا ئوراپ قاچىلانغان «كوكوشىشى رەڭلىك گىرىمى»نى توختىتىپ خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشنى ئۆزىدىن باشلايدىغانلىقىنى، خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشتا باشلامچى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشى، باشقا بارلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشى پۈتۈن مەيداندىكى خانىملارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
شۇنداقلا جازا لاگېرى تىرىك شاھىدى گۈلباھار جىلىل خانىممۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي مېلىغا قەتئى قارشى تۇرمىساق، ۋەتەندىكى بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا ھەرگىز يۈز كىلەلمەيمىز! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، مىھرىبان ئانىلار جەمئىيتى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى جەمئىيتىنىڭ رەھبەرلىرى بىردەك خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىپ خىتايغا قارشى مەيدانىمىزنى ئېنىق قىلىش ھەققىدە چاقىرىقلارنى ئېلان قىلدى.

بۇ خەۋەر 2112 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق