شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا يەر تەۋرىدى
خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يەر تەۋرىگەن.
مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى، ئاقسۇنىڭ كۇچار ناھىيەسى، كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇل (خېجىڭ) ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى ۋە ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە پەيزاۋاتتىكى يەر تەۋرەش ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، 19-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت يەتتىدىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. بۇنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئەتراپتىكى ناھىيە-شەھەرلەردىمۇ تەسىرى كۆرۈلگەن.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ھازىرچە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى مەلۇم .
ئاتۇش شەھىرىدىمۇ 19-يانۋار كەچتە بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالتە قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ كۈچلۈك تەۋرىگىنىدە 5.2 بالغا يەتكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ئاھالىلەر ئەندىشە قىلغانلىقتىن، كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 1459 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2020 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق