خىتاي بۇ يىل جازا لاگېرىغا ئاجراتقان خىراجىتىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي بۇ يىل جازا لاگېرىغا ئاجراتقان خىراجىتىنى ئاشكارىلىدى
17‏-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2020‏-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە 680 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە جازا لاگېرىغا ئىشلىتىدىغان 680 مىليون يۈەن خىراجەتنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشسىزلىق پاراۋانلىق فوندىدىن تەمىنلىنىدىغانلىقى، بۇ خىراجەتلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى 500 مىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەڭرىتاغ تورى يەنە خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن 130 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى مەسىلىسى جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان، ھەتتا ئىلگىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ئىسلام ئەللىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بىر پەيتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ يىل جازا لاگېرىغا ئاجرىتىدىغان خىراجەتلەرنى ئاشكارىلىشى قاتتىق دىققەت قوزغىغان.
تەھلىلچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ئارقىلىق قورقىتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ھەقسىز ياكى ئاز ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىلىرىنى پارچىلاپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1437 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق