ئانالىزچىلار: خىتاي كېلىشىم ئارقىلىق دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

ئانالىزچىلار: خىتاي كېلىشىم ئارقىلىق دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى
ئامېرىكا ئاۋازى تورى 16-يانۋار ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز ئېلان قىلغان.
ئانالىزدا بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسورى شې تيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ يەنىلا ئاساسلىق يەڭگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ كۆپلىگەن تەلەپلەرگە ماقۇل بولۇش ئارقىلىق دەم ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بىر قىسىم تاموژنا بېجىنىڭ قىسقارتىلىپ، بىر قىسمىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ پايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ غايەت زور سوممىلىق سېتىۋېلىش تەلىپىنىڭ خىتايغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئارىسىدىكى پەرقنى بارا-بارا كىچىكلىتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا زور مىقداردىكى تاشقى پېرىۋوتىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزدا يەنە خىتاينىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلمىغانلىقى، بۇ قېتىملىق كېلىشىمدىمۇ خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىغا قارىتا ئالاقىدار تەدبىرلەر كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ يەنىلا كۈچلۈك تەدبىر ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.
چارشەنبە ئىمزالانغان تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىدە ئامېرىكا كۆپ قىسىم قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان، خىتاي بولسا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ 200 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئەمما بۇ كېلىشىمدە خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سودىدىكى ئادىل بولمىغان قىلمىشلىرى ھەل قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 24194 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق