ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىندى

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىندى
17-يانۋار خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»لۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»لۇق پارتىكومنىڭ يىغىن چاقىرىپ، ئەنۋەر ئابدۇراھماننى جازالاشنى قارار قىلغانلىقى، ئەنۋەر ئابدۇراھماننىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشى بىلەن ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنۋەر ئابدۇراھماننىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا، تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىش، خىزمەتتە قانۇنسىزلىق قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا يۇقىرىقى جىنايەتلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭغا «پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش» جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقى، يېقىندا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئەنۋەر ئابدۇراھمان 1970‏-يىلى بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن. 1992‏-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە كورلا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەنۋەر ئابدۇراھمان 2015‏-يىلى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئەنۋەر ئابدۇراھماننىڭ خىتايغا بولغان ئۇزۇن يىللىق ساداقىتى خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمىگەن.

بۇ خەۋەر 1303 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2020 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق