ئىمران خان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى

ئىمران خان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان مۇخبىرنىڭ «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرى پاكىستان مىنىستىرلىك سارىيىدا باش مىنىستىر ئىمران خاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتى، كەشمىر مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىك، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى، ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى قاتارلىق خەلقئارالىق سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سورىغان.
ئىمران خان مۇخبىرنىڭ «پاكسىتان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئازاد كەشمىرگە بېرىپ، زىيارەت قىلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئازاد كەشمىر خەلقى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش سايلام ئارقىلىق سايلىدى. سىز بۇنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىمران خان يەنە مۇخبىرنىڭ «سىز كەشمىر ۋە ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزىڭىزنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىپ پۇتاق چىقىرىدىكەنسىز. بىراق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈن چىقىرالمايدىكەنسىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايسىز؟»دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مېنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە خىتايغا سۆز قىلالماسلىقىمدا ئىككى سەۋەب بار. بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. يەنە بىرى خىتاي بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز. پاكىستاننىڭ سابىق ھۆكۈمەتلىرى پاكىستاننى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا تاشلاپ قويغان. پاكىستان ئەڭ قىيىن شارائىتتا قالغان پەيتلەردە خىتاي بىزگە ياردەم قىلدى. بۇ مەسىلە سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاشكارا سۆزلىيەلمەيمىز»

بۇ خەۋەر 17082 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2020 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق