16- يانۋار كۈچۈكچەكمەجە رايۇنى رەئىسى مۇستافا ئاغاجانىڭ شېھىت چاغلار جانباز ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى تۈركىيە كادىرلار بىرلەشمسى بىلەن مائارىپ بىرلەشمىسى ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۈگىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، خەلقنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.