خىتاي يەنە بىر ھىيلە تېپىپ چىقتى

خىتاي يەنە بىر ھىيلە تېپىپ چىقتى 

16-يانۋار تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاتالمىش ئاپتونوم رايون ۋە دىۋىزىيەدىن 27 ئورۇننى «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا» دەپ بېكىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
خەۋەردە بۇ 27 يېزىنىڭ قاراماي، توقسۇن، كۇچا، سانجى، بۆرتالا، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق شەھەر-ناھىيەلەردىكى 25 يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئىككىسى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «گۈزەل ئائىلە قۇرۇلۇشى»، «ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ، پاكىز مۇھىت يارىتىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھويلا-ئارام، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. خىتاي بۇ ھەرىكەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىدىكى سۇپا-كارىۋاتلارنى، ئويۇق، تەكچىلەردىكى نەقىشلەرنى بۇزۇپ تاشلىغان، ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنيەت ئادىتى بويىچە بېزەلگەن يوتقان-كۆرپىلەرنىمۇ خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن.
تەھلىلچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقئارادا پاش بولۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىدە پەقەت بىر نەچچە يەرنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىكىنى ساياھەت ئورنى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىپ، قالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايچىلاشتۇرغانلىقىنى، مىللىيچە ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنىپ، ساياھەت ئورۇنى قىلىنغان يېزىلارنىڭ خەلقئارا جەمئيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1349 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق