نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

 ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ دۇنيا ئەللىرى ئارا تارقىلىشى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ماس ھالدا ئۆز رولىنى ئاكتىپ ھالدا نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىمۇ دۇنيا سەھنىسىدە قىزىقىشقا، تونۇلۇشقا ۋە كۈندىن-كۈنگە ئالقىشلىنىشقا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

ھەرقانداق بىر نەتىجە مېھنەتسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ئۇيغۇر ناخشا‏-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ياۋروپادا، جۈملىدىن ئانا ۋەتىنىدىن 10 مىڭ كىلومېتىرلارچە ئۇزاقتىكى ئەل - بۈيۈك بىرىتانىيەدە تونۇلۇشىغا ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆز ئەجرىنى ئۈن-تىنسىز سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىنىمىز بار. ئۇ ئىنىمىز بۇ ساھەلەردە خەلقىمىزگە شان-شەرەپ قۇچتى. چەتئەلدىكى باشقا مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دىيارىمىز بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدى. بۇ دىيارىمىزدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كۆپكە قادىر، ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ئىنىمىزنىڭ ئىسمى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈندۇر.

مەن ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن 10 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇرۇن تونۇشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ ئۆتۈۋاتىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدا پۇرسەت بولسىلا ئۆزئارا ياردەملىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەن 2008-يىلى ئايالىم بىلەن ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان بولۇپ، شۇ قېتىم لوندوندا بىز ئەزىز ئەيسا ۋە دىلشات ھېۋزۇللا ئۇكىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر-ئىككى كۈن بىرگە بولدۇق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسرانىم، باغداش، ئىزدىنىش ۋە بوزقىر قاتارلىق تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتابى ۋە «قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغان، 2004-يىلى لوندوندا «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نى قۇرۇپ چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە سەنئەت مەدەنىيىتىنى بۈيۈك بىرىتانىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائال تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەنئەتكار، يازغۇچى، تەرجىمان ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1970-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي بويلىرىدىكى بوستانلىق يۇرت شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى يېزا يېڭىچىمەن كەنتىدە بىر يېزا دوختۇرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شايار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇپ، 1991-يىلى «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەل تىلى فاكۇلتېتى رۇس تىلى كەسپىنى پۈتتۈرىدۇ.

ئىنىمىز ئەزىز 1991-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1999-يىلىغا قەدەر ئاقسۇ شەھىرىدە مەمۇرىي ۋە تىجارىي ئورۇنلاردا تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1999-يىلىدىن 2001-يىلغىچە قىرغىزىستان، تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشايدۇ. 2001-يىلى 8-ئايدا بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر ئائىلىسى بىلەن بىللە لوندوندا ئوقۇش، خىزمەت، ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2011- يىلىدىن باشلاپ باش شتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1986- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تۇنجى ئەسىرىنى ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىش بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئاقسۇدا ئۆتكەن يىللىرىدا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاقسۇ گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا شېئىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ 1999-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن نەسرىي، ئەدەبىي، ئىلمىي ۋە ئاخبارات ئەسەرلەرنى يازىدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى يۈرىكىگە مەھكەم پۈكۈلگەن ۋە بۇ يولدا بىر كۈنمۇ ئىزدىنىشنى، ئەجىر سىڭدۈرۈشنى توختاتماي كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئوبزور، ئەدەبىي خاتىرە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە بۈيۈك بىرىتانىيە (ئەنگلىيە) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۈيۈك بىرىتانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – بى بى سى (BBC)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزبېك بۆلۈمىدە ئىختىيارى مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە ئائىت ئون نەچچە پارچە ئەسەر ۋە خەۋەر يېزىپ، مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئېلان قىلدۇرىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2004-يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىققاندىن بۇيان، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئۇچۇر-ئالاقە تورىنى مەركەزلىك تېما قىلغان ھالدا ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ يەنە تەرجىمە خىزمەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر بىرىتانىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس، دوكتور رەيچېل ھاررىس بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىر قىسىم مۇقام تېكىستلىرىنى ھەمدە 50 پارچىغا يېقىن ئۇيغۇر خەلق ناخشا تېكىستلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇ يېقىندا «تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر» ناملىق تارىخىي كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تور ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا سۇندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىلمىي ئەسىرى 2011-يىلى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى ئاسىيا ئىلىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان «نەزىرگە تەكلىپ: ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە ئومۇمى نەزەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسىدۇر.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يەنە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزدىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا، سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلىش، ئەنگلىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىش ۋە ياردەمدە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن: 2003-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ» مۇقام ئانسامبىلىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئەنگلىيەگە ئويۇن قويۇشقا كېلىدۇ. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ ئۆمەكتىكىلەر بىلەن 15 كۈن بىللە بولۇپ، ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ياردەم قىلىدۇ. 2014-يىلى 5-ئايدا ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ لوندون، پارىژ ۋە ۋېناس قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىش ۋە سەنئەت بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئىنگلىز مائارىپىدا بىلىم ئېلىش ئارزۇسى لوندونغا كەلگەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە لوندوندىكى مورلېي (Morley College) ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەكتىپىدە تولۇق كۈنلۈك سىنىپتا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ. 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە لوندون لامبېت ئىنستىتۇتىدا (Lambeth College) ئىنگلىز تىلى ۋە قوش تىل مائارىپى ۋە كومپيۇتېر كەسپىدە، 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بېرىكبەك ئىنستىتۇتىدا (Birkbekk College) كومپيۇتېر ئۇچۇر ئىلمى، تور لايىھەلەش ۋە مېدىيا تېخنىكا كەسىپلىرى بويىچە ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. ئۇ ھازىر لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تارمىقىدىكى «جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋاز» ناملىق تەتقىقات تۈرىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ قوشۇمچە بىرىتانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

ئانا ۋەتەندىن يىراقتىكى ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى، بىزگە ئېيتىلمىغان ھېكايەتلىرى تېخىمۇ كۆپ. نىكاھنىڭ غايىب بولغىنىدەك، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان بىرىتانىيەلىك ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىشۇناس دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم 2001-يىلى سېنتەبىردە لوندون پارلامېنت بىناسىنىڭ يېنىدىكى ۋېستمىنستېر (ۋەستمىنستەر)دا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا تونۇشىدۇ. 2004-يىلى بۇ بىر جۈپلەر لوندوندىكى گۈزەل بىر باغچىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلە قۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھازىر لەيلىگۈل ۋە سەنەمجان ئىسىملىك قىزلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ھاياتىنى لوندوندا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى

 

ئىنسانلار دۇنياسىدا مۇزىكا ھەممە مىللەتلەر تەرىپىدىن تەرجىمانسىز چۈشىنىلىدىغان بىر ئومۇملۇققا ئىگە تىلدۇر. جۈملىدىن ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن سۆيۈملۈك خەلقىمىز ئۆز ئەقىل-ئىدراك ۋە ھايات پائالىيەتلىرى ئاساسىدا ياراتقان ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى 2004-يىلى لوندون شەھىرىدە «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن تەڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان بۈيۈك بىرىتانىيە پايتەختىدە ياڭراشقا باشلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە بەرگەن بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ناخشا-مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللىي كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زامانىدىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن ئاھاڭ ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەت شەكلىدۇر. بولۇپمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن سەرسان بولۇپ ئايرىلىپ، يات ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى كۆپ خىل ۋە چوڭقۇر، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە بولىدۇ.

بىز دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولمايلى، ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزنىڭ بىر يەككە، تۈز سىزىقلىق يولى بولمايدۇ. خەلقىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى قايتا كەلمەس پۇرسەتلەرنى جاھىللىق ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئەمدى بۇ ئەسىردىكى بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھەركىم ئۆز قولىدىن قانداق ئىش كەلسە كەلسۇن، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىش بولسىلا قىلىشىمىز ۋە بۇ خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ئەنگلىيەگە يېڭى كەلگەن يىللاردا ساۋاقداشلىرىم مېنىڭدىن قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى، مىللىتىم ۋە تىلىمنى سورىغاندا "مەن ئۇيغۇر" دەپ جاۋاب بەرسەم، ئۇلار مەندىن "ئۇيغۇر؟ بۇ قانداق نەرسە؟ يەيدىغان نەرسىمۇ؟" دەپ سورايتتى. كېيىنچە بۇ دۇنيانى ھېچ چۈشەنمەيدىغان، نەزەر دائىرىسى تار ياۋروپالىقلارغا "ئۇيغۇر"نى چۈشەندۈرىمەن دەپ ۋاقتىمنى زايە قىلماسلىقنى نىيەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەندىن بىرەرسى «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا "مارستىن" دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدۇم. ئۇلار مەندىن "سەن نېمىشقا مۇنداق چاقچاق قىلىسەن؟" دەپ سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردىم: "مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلدىم، مەن ئۇيغۇر، دېسەم، سەن چۈشەنمەيسەن. بۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشكە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن مەن شۇنداق دېدىم" دەپ ئېيتىدىغان بولدۇم. بۇ تەنبىھ گېپىم تەسىر قىلغانلىرى كېيىنچە "ئۇيغۇر"نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، ئاندىن ماڭا ئۆزلىرى ئازراق ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇ ۋاقىتلاردا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك تونۇشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىقىشقا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم».

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2006-يىلى 17-ماي كۈنى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىگە بىر پارچە ماقالە يازىدۇ ۋە ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرىدۇ: «مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز كۆرگەنلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەيلى ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى چوڭ ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىلاردا ياڭرىسۇن، ياكى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان لوندوننىڭ مەركىزى باغچىلىرىدا ياكى تار كوچىلىرىدا ياڭرىسۇن، ئەگەر سىز شۇ مەيداندا بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغىنىڭىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىسىز. ھەمدە بۇ سەرسانلىق بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزدە چەتئەللىكلەرگە "ئۇيغۇر" دېگەن ئىسىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي، قانچە قېتىملاپ ئاچچىق يۇتۇپ كەتكەن چاغلىرىڭىزنى دەرھال ئېسىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا، تەمبۇرنىڭ بۇلبۇلدەك ياڭراۋاتقان خۇش ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، يۇقىرى ئاھاڭدا ئېيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن:

كىچىك بالىلار ئوينايدۇ يەي

تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،

غېرىب بالىلار يىغلايدۇ يەي

ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.

 

تاغلاردىن ئورۇن ئالدۇق،

باغلاردىن ئورۇن تەگمەي.

ئۆز يۇرتلاردىن ئايرىلدۇق.

دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي.

 

دېگەن ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئىشىنىمەنكى، كۆزىڭىزگە كەلگەن ياشلىرىڭىزنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن توختىتالمايسىز. ئەلۋەتتە شۇ دەقىقىدە ھەرقانداق بىر چەتئەللىك ئالدىراش مېڭىۋاتقان قەدىمىنى توختىتىپ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن "بۇ قايسى دۆلەتنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ مۇزىكىسى؟" دېگەندەك سوئاللارنى سورىماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالقىشلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەي تۇرۇپ سىز بىلەن خوشلاشمايدۇ. دېمەك مەدەنىيەتلەشكەن، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان غەرب ئەللىرى ئۈچۈن سەنئەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەقىقەتەنمۇ مۆلچەرلىگۇسىزدۇر.

 بايانلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەت مەملىكەتلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ لوندون ھورنسېي ئاتا تۈرك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «3-نۆۋەتلىك تۈرك مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى»دا تىياتىرخانا تېمىغا ئېسىلغان مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ مۇنۇ بىر كەلىمە سۆزىنى ھەدىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: "ئۆز سەنئىتىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ بىر ھايات تومۇرى كەمدۇر"».

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004-يىلى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئۆز پائالىيىتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە كۆرسىتىش بىلەن، يەنى «لوندون 2005-يىللىق كۆچمەنلەر بايرىمى»غا قاتنىشىش بىلەن باشلايدۇ. كېيىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ تۈردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەر ساھەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. جۈملىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ كەسپىي جەھەتتىن قىزغىن قوللىشىغا ۋە يېتەكلىشىگە ئېرىشىدۇ.

دېمەك، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تۇنجى قېتىم بۈيۈك بىرىتانىيەدە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىباب ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپپىسى بولۇپ قۇرۇلغان. ئانسامبىلنىڭ ناخشىچىلىرى ۋە مۇزىكانتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن، قىرغىزىستاندىن ۋە بىرقانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان بىرىتانىيەلىك ئىنگلىز مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئانسامبىلنىڭ ئورۇنلىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلىرى، ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلار، بولۇپمۇ ئىلى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى ھەم ئەنئەنىۋى «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئانسامبىل 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان سەنئەت پىروگراممىلىرىنى تەييارلاپ چىقىش، ئانسامبىلنىڭ ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى تور سەھىپىسىنى قۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئانسامبىلنىڭ كەسپىي ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلغان. ئانسامبىل مۇزىكانتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەنگلىيەگە كۆچمەن مۇساپىر سالاھىيىتى بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئانسامبىل ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە 2005- يىلىدىن باشلاپ كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن مانا بۈگۈن قۇرۇلغىنىغا 11 يىلدىن ئاشقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ۋە ياۋروپادىكى ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، دۇنيانىڭ باشقا قىتئەلىرىدىكى تەيۋەن، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئۆرنەكلىرىدىن كونسېرت بېرىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى چۈشىنىشىگە، ياقتۇرۇشىغا ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تۇنجى ئالبومى بولغان «ئاق بېلىق» (White Fish) ناملىق ئۈن س د پىلاستىنكىسى 2010-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېت ئىستۇدىيەسىدە 4000 تىراژ بىلەن نەشر قىلىنىپ، دۇنيا مۇزىكىسىغا خۇشتار بىرىتانىيەلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندون بىرىتانىيە ۋە دۇنيا ئەللىرىگە مەخسۇس ئىنگلىز تىلىدا تونۇشتۇرىدىغان بىر تور بېكىتىنى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك تەرەققىيات نىشانى قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تور لايىھەلەش ۋە ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندوندىكى ئوقۇشى داۋامىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئانسامبىلدىكى ئەزالار بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇدا ئىككى يېرىم يىل ئىزدىنىش، ماتېرىيال توپلاش، ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ رەسمىي سىمۋوللۇق بەلگىسىنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇلىدىغان تور بېكەتنىڭ تېخنىكىلىق پىروگراممىلىرىنى يېزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئاخىرى 2007-يىلى 7-ئايدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى رەسمىي تور سەھىپىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلىدا ئىشلەپ تارقىتىلغان، مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە تەقدىم قىلىنغان، ئىلمىي ۋە تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىلگەن تور بېكەت بولۇپ، ئۇنىڭغا 4000 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئائىت ماتېرىياللار قويۇلغان. ئانسامبىل تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرى، يەرلىك مۇقاملار، كلاسسىك مۇزىكىلار، كلاسسىك خەلق ناخشىلىرى، خەلق ناخشىلىرى، ھازىرقى زامان ئاممىباب (پوپ) ناخشىلار، تىڭشاق ئاھاڭلار، ئۇيغۇر ئازغۇن ناخشا-مۇزىكىلىرى، مەشرەپ مۇزىكىلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلار قويۇلغان. ھەمدە ئۇنىڭغا ئەل-نەغمىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا ئىشلەنگەن ئۈن ۋە سىنگە ئېلىنغان فىلىم كۆرۈنۈشلىرىمۇ قويۇلغان. شۇنداقلا ئانسامبىلنىڭ بارلىق نەق مەيدان كونسېرتلىرى سىنغا ئېلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر تور ئارقىلىق بارلىق كۆرگۈچىلەرگە تارقىتىپ تۇرۇلغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئون يىلدىن بۇيان خالىس ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىنگلىز تىلىدا پۈتۈن دۇنياغا تور ئارقىلىق تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان پىداكارلىقى ۋە ئەجىرلىرى 2010-يىلى ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يەنى شۇ يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى بۈيۈك بىرىتانىيە دۆلەتلىك تور ئۇچۇر رەقەم ئارخىپى ئىدارىسى بىلەن بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. نەتىجىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنلىرى بۈيۈك برىتانىيىدە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش ۋە قوغداش تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، رەسمىي رەقەملىك ئارخىپلاشتۇرۇلدى. ھەمدە بۇ ھەقتە گۇۋاھنامە بېرىلدى. دېمەك، بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ گىراموفون شىركىتى تەرىپىدىن 1909-يىلى قەشقەردە ئۈنگە ئالغان «ئاشناجان» (Mushagaran Kashkarcha 'Ashnajan' song by Sadyk Mullo/Tokhta Akhun/Turdi Muazin) ناملىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ئاۋاز ئارخىپىغا ساقلاشقا كىرگۈزۈلۈپ، 100 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنىڭ بۇ تەۋەررۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆز ئەجىر-مېھنىتى بىلەن قايتىدىن تەقدىم قىلدى.

 لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولسا بۇ تور بېكەتتە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرلىكتە كۆپ قېتىم «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا مەدەنىيەت-سەنئىتى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق ساھەلىرى بويىچە قىلغان ئەل ئىچى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىلىرى دائىملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. 2008-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئاشگاتە نەشرىياتىدا ئىنگلىز تىلىدا دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم نەشر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى» (The Making of a Musical Canon in Chinese Central Asia: the Uyghur Twelwe Muqam) ناملىق كىتاب يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىش تارىخى ۋە قېلىپلىشىش جەريانلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشى، ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن «شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى»دىن ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان ۋە 2002-يىلى تۈركىيىدە «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە ھەم ئەنگلىيە ئاشگاتە نەشرىياتىدا ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى» (Music of the Uyghurs) ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيىتى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ماقالە بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ چېلىنىش ئۆرنەكلىرى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن سىن فىلىملىرى كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىنىپ، تور ئارقىلىق دۇنياغا ھەقسىز تارقىتىلغان. كېيىن بۇ مەنبە بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلى قوللىنىدىغان دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن بىردىنبىر ئەمەلىي مىساللىق دەرسلىك مەنبەسى قىلىپ قوللىنىلغان.

مانا بۇ مۇھاجىرەتتىكى 16 يىللىق ھاياتىنى ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى بويىچە توختىماي ئىزدىنىش، دۇنيا مەدەنىيەتلىرى بىلەن بىر سەھنىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش ئۈچۈن تەر ئاقتۇرغان، كۆپكە قادىر، بىر سەنئەتسۆيەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىدۇر. مەن خۇددى بۇرۇن تونۇشتۇرغان 39 نەپەر ئۇكىمىزغا ئوخشاشلا، ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈندىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۇننىڭ مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى تۆۋەندىكىچە:

خەلقارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى:

[1] “Invitation to a Mourning Ceremony: Perspectives on the Uyghur Internet”

Authors: Rachel Harris & Aziz Isa, Published by Inner Asia Studies of Cambridge University. Inner Asia, Volume 13, Number 1, 2011 , pp. 27-49(23) Publisher: BRILL. This paper offers a historically located and sociopolitical reading of the Uyghur internet, focusing on Uyghur language sites which were legally operating within China. We argue that this internet-based discourse has much in common with earlier, pre-digital home-grown nationalist movements, and that its emphasis on mourning is representative of a more widespread sense of self within Uyghur popular culture: one which equates national identity with grief and loss. Keywords: INTERNET; UYGHUR; XINJIANG; INTERETHNIC VIOLENCE; DIASPORA; NATIONAL IDENTITY; MOURNING. Document Type: Research article DOI: 10.1163/000000011797372832 Publication date: 2011-09-01.

Publisher's website: Global Oriental, an imprint of Brill.

http://www.ingentaconnect.com/content/brill/inas/2011/00000013/00000001/art00003#expand/collapse

[2] ‘Islam by Smartphone: the changing shape of Uyghur social media networks’ (already published online in Uyghur language: Eqilfon_Islam.pdf). English version forthcoming in Central Asian Survey, 2016.)

 

ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:

 

[3] "donay deryasidin orxun boylirighiche" -

2011- yili shiwitsiyede neshir qilin'ghan.

http://www.Uyghurensemble.co.uk/shop/eBooks/Donay_Deryasidin_Orxun_Boylirighiche_Aziz_Isa.pdf

 

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى:

 

Tor sehipilliride élan qilghan bir qisim eserliri:

[4] ‘orxun boylirigha seper’ (1- qisim)

http://bbs.bagdax.cn/thread-27441-1-1.html

‘orxun boylirigha seper’ (2- qisim)

http://bbs.bagdax.cn/thread-24299-1-1.html

[5] üzülmes tarixiy rishte: http://bbs.bagdax.cn/thread-28622-1-1.html

[6] ‘eqilfon arqiliq islamlishish: Uyghur ijtimayi alaqe torining ozgirishige nezer’

http://Uyghurensemble.co.uk/uy/

[7] ‘Uyghur torbetchilikige omumiy nezer’

http://Uyghurensemble.co.uk/uy/

[8] ‘1960- yili yéziq ozgertish toghrisida yézilghan kitap heqqide’

http://bbs.bagdax.cn/thread-19059-1-1.html

[9] ‘jallat xénim romanidin tesiratlar’

http://bbs.bagdax.cn/thread-21037-1-1.html

[10] ‘qiteler qanatlan'ghan kuy-sanuber tursun’

(1) http://bbs.bagdax.cn/thread-20139-1-1.html

(2) http://bbs.bagdax.cn/thread-25657-1-1.html

(3) http://bbs.bagdax.cn/thread-25677-1-1.html

[11] ‘yazghuchi mesumjan zulpiqar akini esleymen’

http://bbs.bagdax.cn/thread-23239-1-1.html

[12] siz buyuk birtaniyeni qanchilik bilisiz?’

(1)http://bbs.bagdax.cn/thread-24259-1-1.html

(2)http://bbs.bagdax.cn/thread-24581-1-1.html

[13] ‘hesiretlik yillar- anam tartqan külpetler’

http://bbs.bagdax.cn/thread-27733-1-1.html

[14] yillar hesriti-"regetke bilen qagha étish"

http://bbs.bagdax.cn/thread-27572-1-1.html

[15] "Londondiki qeshqer kochisi"-shinjang pelsepe-ijtimaiy penler tor békiti: http://Uyghur.xjass.com/Uyghur/content/2008-06/10/content_3172.htm; http://www.bbc.co.uk/uzbek/news/story/2008/01/080110_qeshqer_ar.shtml

[16] ‘qarchuqumda qatqan dunya’-http://bbs.bagdax.cn/thread-22544-1-1.html

[17] ‘Uyghurche sozlishish’-http://bbs.bagdax.cn/thread-22389-1-1.html

[18] ‘soygu we insanliq’-http://bbs.bagdax.cn/thread-23736-1-1.html

[19] ‘bir gul echilsa bolmaydu bahar’

http://bbs.bagdax.cn/thread-22652-1-1.html

[20] ‘men korelmeydighan chush’-http://bbs.bagdax.cn/thread-27388-1-1.html

[21] ‘baliliq xatirem we Londondiki ayem’

http://bbs.bagdax.cn/thread-23338-1-1.html

 

تۈرلۈك ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەر، تەرجىمە ۋە شېئىرلىرى:

 

[22] qazaqistanda neshirdin chiqidighan "intizar" namliq pesellik edebiy jurnalning 2004- yili féwral éyidiki sanida "Eziz isa Elkün shéirliri" serlewiside uning shiérliri tonushturulup neshir qilin'ghan. Intizar jurnili 2014- yili, féwral, 17- bet.

[23] qazaqistanda neshir qilinidighan "Uyghur pen" namliq edebiy jurnalning 2014-yilliq 4- sanida Eziz Eysa Elkün terjimhali tonushturulup, uning tallan'gha bir qanche parche nadir shéirliri neshir qilinidu. (mezkur jurnalnng 72-bétidin 77- betige qaralsun)

[24] awustraliyede Uyghur ösmurlirini nishan qilghan "sabiyler sadasi" namliq uniwérsal edebiy jurnalning 2013- yilliq 9- san (toplam 145- bet) "bir gul échilsa bolmaydu" nemliq shéiri élan qilinidu.

[25] ispaniyediki az sanliq millet bask xelqi ispaniye ichki ürüsh yillirida yeni 1937- yili 26- aprél ispaniye milletchi hakémiyiti armiyesining basik rayonidiki gériniko shehrini bomardiman qilghan (Bombing of Guernica, Guernica- Gernika in Basque; officially Gernika-Lumo) we 1,654 ademning ölüshini kelturup chiqarghan. Mana mushu tiragédiye "gérniko bombardimanining qilin'ghanlighining 75 yilliqi" ni xatérlesh munasiwéti bilen basik yazghuchilar jemiyiti terpidin dunyadiki 35 yash shairlarning shéirlirini tallap basik we her bir shairning öz tilida hem én'glische uch xil tilda 2012- yili bir shiéri toplam neshir qilighan idi. Mana shu kitapqa Uyghurlargha wakaliten Eziz Eysa Elkün ependining terjimhali bilen uning bir parche shéiri bu toplamda neshir qilinidu. (mezkur kitapning 81, 82 we 83- betlirige qaralsun)

[26] qazaqistan doletlik "Uyghur awazi" gézitining 2011- yili 10- iyundiki sanining 9- betide Eziz Eysa Elkün ependining terjimhali we shéiri eserliri tonushturulidu.

[27] Elkün ependining 1999- yilidin 2002- yilighiche yazghan ilmy maqalilliri, ebediy eserliri "Uyghur Ezizi" qelem namida turluk metbuatlarda éélan qilinidu.

[28] Eziz Eysa Elkünning turluk edebiy eserliri 1986- yilidin 1999- yilighiche "aqsu géziti"de we mezkur gézitning "jenub shamalliri" edebiy sahipiside neshir qilinidu.

 

تەرجىمە ئەسەرلىرى:

 

[29] ‘tatariyedin xewer-pékindin keshmirge seper’

(News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir by Peter Fleming)

(1)http://bbs.bagdax.cn/thread-27980-1-1.html

(2)http://bbs.bagdax.cn/thread-28311-1-1.html

[30] ‘tatariyedin xewer namliq kitap heqqide ’

http://bbs.bagdax.cn/thread-27868-1-1.html

[31] ‘bir tuyghu’-http://bbs.bagdax.cn/thread-22408-1-1.html

[32] ah atilar’, ‘nuzugumning chaqiriqi’, Uyghur muqam tékistliri

http://www.Uyghurensemble.co.uk

 

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150529_chetel_uyghur14.htm?fbclid=IwAR3B6gn3Jhcb5cntU9nx8uybHwAAjlrcjMFUmfPFd7AKykvotKTlPzcB6W4

بۇ خەۋەر 10270 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2020 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق