ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
15-يانۋار ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئوسمان غازى ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى پاتىمە خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
زىيارەت داۋامىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
مېھمانلار بىلەن يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئاياللارنىڭ رولى، ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنداقلا تۈرك ئاياللارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قېرىنداشلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ھەققىدىكى ئۈمىد ۋە تىلەكلەر بىلدۈرۈلدى.
ئاخىرىدا مېھمانلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1765 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2020 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق