سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

13‏-يانۋار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى 2019‏-يىلى بىر يىل ئىچىدە 480 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2019‏-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى %87 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جايلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ھەتتا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ھەققىدە ئېلانلارمۇ تارقىتىلغان.

بۇ خەۋەر 1360 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2020 21:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق