جازا لاگېرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

14-يانۋار مىللىي گېزىت خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا لاگېرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ 700 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 35 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۈچ مىليونغا يېتىدىغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتۈپ بولغان قازاقلارنى مەجبۇرىي خىتاي نوپۇسىغا كىرگۈزگەنلىكى، تەدرىجىي ھالدا ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن كۆزىتىپ كونترول قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. قازاقلارنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى بابۇسسالام ئوقتان مىللىي گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ 700 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بابۇسسالام ئوقتان مۇخبىرغا يەنە تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاقىستان نوپۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي خىتاي نوپۇسىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن «سەن قوش نوپۇس ئىكەنسەن» دېگەن تۆھمەت بىلەن جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى، لاگېرغا قامالغانلار ئىچىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قازاق تۈركلىرىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1374 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2020 21:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق