شانلىئۇرفادا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

14-يانۋار تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

پائالىيەتنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH)نىڭ شانىلىئۇرفا شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
دوكلاتتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1597 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2020 20:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق