خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن جىددىي بايانات

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن جىددىي بايانات

12-يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان بىرلىككە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆي ئىچى مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

«فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى «ھويلا-ئارام ۋە ئىمارەتلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي ۋە ئىمارەت بېزەش ئادەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خىتاي تۆت يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا  مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سىياسىتى يۈگۈزۈۋاتىدۇ. شۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەش مىليون ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. نۇرغۇنلىغان ئۆلىما، ئاكادېمىك، يازغۇچى، شائىر ۋە زىيالىيلار خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا شېھىت بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتە خىتايغا ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن ئېغىر جازالانماقتا. خەلقىمىز قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلاردىن مەھرۇم قىلىندى، مەسچىتلەر چېقىلدى، دۇنيادىكى مەشھۇر مەدەنيەتلەرنىڭ بىرى خىتاي قولىدا يوقىتىلىش ئالدىدا.

بۇنداق ئېچىنىشلىق بىر پەيتتە خەلقئارادا پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، شۇنداقلا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتايغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ خىتاب قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە چاقىرىمەن».

بۇ خەۋەر 1676 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2020 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق