مەسئۇت ئۆزىل «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

 

مەسئۇت ئۆزىل «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

12-يانۋار خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە،  تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغانغا ئىككىنچى قېتىم «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى» بېرىلگەن.

نېگېرىيەنىڭ «مۇسۇلمان خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇھەررىرى راشىد ئەبۇبەكرى بۇھەقتە توختىلىپ: «2018-يىلىمۇ "دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى" پىرېزىدېنت ئەردوغانغا بېرىلدى. چۈنكى پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. پىرېزىدېنت ئەردوغان ھەردائىم ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تۇردى. ئۇ سۇرىيە، بېرما، كەشمىر ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىدە ھەر دائىم سادا چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ كۇئالالۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى»نىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدكە، ئۈچىنچى دەرىجىلىك  مۇكاپات سومالىلىق مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرگە، تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋغا،  بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلگە بېرىلگەن.

بۇ خەۋەر 16076 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق