خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى داۋاملاشماقتا

خىتاي بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن نەيرەڭۋازلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى 9-يانۋار بېيجىڭدا ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، تىبەت تىلى قاتارلىق يەتتە تىلنىڭ تەرجىمە دېتالىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەپ دېتالى نۇسخىسى ۋە تور بەت نۇسخىسى ئىشلىنىپ تارقىتىلغان.
خەۋەردە يەنە تىل-يېزىق ئىدارىسىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى بۇ يەتتە خىل يېزىقتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە، ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى ۋە سۈرەت تونۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياساپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقى، ئاشكارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى چەكلىگەنلىكى، بارلىق خەلقنى خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشلىگەن بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى، سەزگۈر سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنداقلا بۇ ئەپ دېتاللىرى تور بار مۇھىتتا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايغا يوللىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1563 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2020 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق