خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەمۇرلارنى يالغاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەمۇرلارنى يالغاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدى
خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خەلقئارادىكى تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، بارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇزۇن يىلدىن بېرى تاقىلىپ قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ئەمما كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەي، مەسچىتكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.
قازاقىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان قازاق پۇقرالارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئايدا 500 سوم بېرىش ۋەدە قىلىنغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار بۇندىن بۇرۇن جازا لاگېرىغا قامالغان بولغاچقا، ناماز ئوقۇش بۇيرۇقىنى خىتاينىڭ ھىيلىسى دەپ چۈشەنگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا ئۇنىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئامال قىلالماي، ئالدىنقى ھەپتىدىن تارتىپ مەمۇرىي خادىملىرىنى ئىشقا سالغان. ئەمما ئۇلار ناماز ئوقۇشنى بىلمىگەچكە، ھەممىسىگە بىر باشتىن ناماز ئوقۇش قائىدىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئۇلارنى مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان قىياپەتتە سۈرەتكە ئالغان. ئۇلار نامازنى توختىماي خاتا ئوقۇغاچقا، قايتا-قايتا سۈرەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى يەنىلا كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ قالغان. نەچچە كۈن بۇرۇن بىر نەچچە ھىندونېزىيەلىك ساياھەتچى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەسچىتتە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، سوراق قىلىنغان. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ۋەقەنى خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1639 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2020 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق