ئىسلام دۇنياسى ئۆلىمالار بىرلىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
10-يانۋار ئىسلام دۇنياسى ئۆلىمالىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا جەم بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالار بىرلىكى، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا دۇنيا ئىسلام ئالىملار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن دوكتور ئېلى قەرداۋىي ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ: «بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، ئۇستازلار ئۇنداق قىلمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيادىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئۇستازلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىنى چەكلىدى، مەسچىتلەرنى چاقتى، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خورلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە گۈلباھار خانىم جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىن تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام دىنىغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى، ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام تەرجىمە قىلىپ بەردى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خورلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئېلى قەرداۋىي سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈممەتنىڭ بىر قىسىمى، بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەزا، ئۇلار بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى بىر ئەزا. "ئىسلام دۇنياسى بىزلەر بىلەن بىر مەيداندا تۇرمىدى" دېمەڭلار. ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار سىلەر بىلەن بىر مەيداندا. بىز سىلەرنى قوللايمىز. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيە، قاتار، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي، ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىلى قاتارلىقلار سەھنىدە تۇرۇپ، يىغىن ئىشتراكچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.