ئون مىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلدى

ئون مىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلدى

تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركسىتانغا يەنە  شاڭخەي شەھىرىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئەۋەتكەن.

خەۋەردە، شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاتالمىش « ياردەم قىلىش »نامى بىلەن ئون مىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىنى  شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى، تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقىدىغان 185 خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ 170 نەپىرى شەرقىي تۈركسىتانغا بارماقچى بولغانلىقى، ئارانلا  15 نەپىرىلا تىبەتكە بارىدىغانلىقى،  ئاتالمىش« ياردەم شىنجاڭغا بېرىش» پىلانىنىڭ ئاساسلىق نىشانى شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكى، شاڭخەيدىن يولغا چىققان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يەركەن، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيەلىرىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولىشىچە،  2017-يىلى خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەمدە مائارىپ مىنسىتىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلىرى بىرلىشىپ، ئاتالمىش «چېگرا رايونلارنىڭ ئەمىنلىكى» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش قارارى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ،  نۆۋەتتە ئەۋەتكەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلگېرىكى قارارنىڭ داۋامى ئىكەن.

تەھىلىلچىلەر: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسىتى شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىش بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، خىتاي بۇ رەزىل سىياستى ئارقىلىق شەرقىي تۈركسىتاننى خىتايلاشتۇرۇش ، بولۇپمۇ ئىگە- چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەپ خىتايلاشتۇرۇشقا  ئورۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1419 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2020 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق