شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شۇرا يىغىنى باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 6-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 6-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئالانيەدە رەسمىي باشلاندى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئارقىدىن يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان ئالانيە شەھىرىنىڭ مۇپتىسى دوكتور ئېھسان ئىلھام سۆز قىلدى. مۇپتى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۈممەتنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە 5-قېتىملىق شۇرا يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى. دوكلاتتىن كېيىن ئۆلىمالار بىرلىكىگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئۆلىمالار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە بىرلىككە ئەزا بولۇشتىكى مەقسەت-نىشانلىرىنى چۈشەندۈردى.

بۇ خەۋەر 1520 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 19:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق