رۇسىيە تۈركىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە تۈركىيەنى ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر مىھەيېۋ بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر تۈركىيە تەرەپ مۇزاكىرىلىشىش تەكلىپىدە بولسا، رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە ئايروپىلان شىركىتى بولۇش سۈپىتى يىلەن ئىمكانىيىتنىڭ يېتىشىچە مۇزاكىرىلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەگە «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئىيۇل ئېيىدا باشلىنىدىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ياساش بازىسىنىڭ تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر قارارغا كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەگەر تۈركىيە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن تەقدىردە، رۇسىيەدىن ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن شۇنداق خالىغان بولغاچقا، تۈركىيە پىروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك، دەيدىغان ئىش يوق. خەلقئارادا قانۇن بار. قانۇن بويىچە ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز. ئەڭ ناچار ئېھتىماللىق ئۈستىدە سۆزلەشكەندىمۇ، بىزنىڭ يېڭى ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجىمىز بار. ئەگەر «F-35» تىپلىق ئايروپىلان بولمىسا، بىز يەنە ئېھتىياجىمىز بولغان ئايروپىلانلارنى باشقا يەرلەردىن سېتىۋالىمىز، تاكى ئايروپىلانلىرىمىزنى ئۆزىمىز ياسىيالىغۇدەك بولغانغا قەدەر. ھازىر بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 6403 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2019 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق